فىنلاندىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

 

فىنلاندىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

 

 

مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم رىياسەتچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى، 5 – ئىيول ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قايتا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومومىي يۈزلۈك باشلىۋەتتى.

 

شۇ قاتاردا تۈنۆگۈن، يەنى، 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەشكىللىنىپ، 5 – ئىيول ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

 

فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى ھەلسىنكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ماننەرھەئىم ھەيكىلى ئالدىدا باشلانغان نامايىشقا، فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە فىنلاندىيەلىك دوستلار، تۈركلەر، چەچەنلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، ئەرەپلەر ۋە ئافرىقىلىق دوستلارمۇ ئۇيغۇر نامايىشچىلار سەپىدىن ئورۇن ئالدى.

 

ماننەرھەئىم مەيدانىغا توپلانغان نامايىشچىلار، ئەتراپتىكى ئاممىغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيول كۈنى ئۈرۈمقىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم ۋە بەسىم سىياسىتى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتى، شۇنداقلا بۇ ھەقتە قىسقا نۇتۇقلار سۆزلىدى.

 

‘’قاتىل خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات ، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق،فاشىست خىتاي...’’ دەپ شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار قوشۇنى، ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ۋە لوزۇنكىلارنى ئىگىز كۆتۈرۈشۈپ، ھەلسىنكىدىكى ياۋروپا پارلامەنتى مەركىزى بىناسىغا يۈرۈش قىلدى، بۇيەردە خىتايغا قارشى بىر پەس شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار، ياۋروپا پارلامەنتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختۇتۇش ھەققىدە خىتايغا بەسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

 

ئارقىدىنلا نامايىشچىلار قوشۇنى فىنلاندىيە پارلامەنت بىناسىغا يۈرۈش قىلدى.

پارلامەنت ئالدىدا ئەتراپتىكى ئاممىغا ۋە مۇخپىرلارغا 5 – ئىيول ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن نامايىشچىلار، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىگە يەقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بەسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

 

ئۇيغۇر خەۋەر ئاگېنتلىغى - فىنلاندىيە

 



 





 













 
 
Bet istatistikisi